خىتاي «ھالال» بەلگىلىرىنى چەكلەش ھەرىكىتىنى بېيجىڭدا باشلىدى

خىتاي «ھالال» بەلگىلىرىنى چەكلەش ھەرىكىتىنى بېيجىڭدا باشلىدى

31-ئىيۇل رويتېرس ئاگېنتلىقى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي «ھالال» بەلگىلىرىنى چەكلەش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، بىر قانچە يىل داۋامىدا شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى ببېيجىڭدا باشلىغان.
خەۋەردە، بېيجىڭدىكى مۇسۇلمانلار رايونى نيۇجې كوچىسى ۋە ئۇنىڭغا قوشنا جايلاردىكى كۆپلىگەن رېستوران ۋە دۇكانلارغا ئېسىلغان ئەرەبچە «ھالال» دېگەن خەتلەرنى بىر پۇتۈن ئېلىۋەتكەنلىكى ياكى ئاق قەغەز بىلەن كۆرۈنمەس قىلىپ چاپلاپ قويغانلىقى ھەتتا بىر قسىم مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ساتىدىغان دۇكانلارنى تاقىۋەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
مەلۇم بولىشىچە خىتاينىڭ بۇ سىياستى خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان : بىر قىسم مۇتخەسلەر «خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۆزىنىڭ خەلقىنى كونترول قىلالماسلىقتىن قورۇققانلىقىنىڭ بىشارىتى » دىسە، بىر قىسم كۈزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ بۇ بۇ خىل ئىسلامغا قارشى يولسىز سىياسىتىنىڭ داۋاملىشىشى 11 مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتالمىش «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» نامى بىلەن يۈرگۈزىۋاتقان ئسلامغا قارىشى سىياسىتىنى مەدھىيلىگەلىكىنىڭ نەتىجىسى دىيشمەكتە..

 

بۇ خەۋەر 804 قېتىم كۆرۈلدى
01/08/2019 21:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق