ئىستانبۇلدا قۇربان ھېيىتلىق يەرمەنكە ئېچىلدى

ئىستانبۇلدا قۇربان ھېيىتلىق يەرمەنكە ئېچىلدى

27- ئىيۇل سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدىنىيەت ۋەخفى ئاياللار بۆلۈمىدىكى  ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى خانىم قىزلار گۇرۇپپىسى قۇربان ھېيىت مۇناسىۋېتى بىلەن سافاكۆيدىكى ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدىنىيەت تەتقىقات ۋەخپىنىڭ 1-قەۋىتىدە تۈرلۈك ماللار يەرمەنكىسى ئاچتى.

يەرمەنكىگە قۇلى گۈل، كۆپكە ماھىر خانىم ـ قىزلىرىمىز پۇشۇرغان  پېچىنە ـ پىرەنىك، ساڭزا، پۇشرۇق تۈرلىرى، خانىم – قىزلىرىمىز تەييارلىغان مىللىي كېيىم ـ كېچەكنىڭ ھەر خىل  تۈرلىرى، چوڭلار ھېيىتلىق كىيىم ـكېچەكلىرى،  بالىلار ھېيىتلىق كىيىم كېچەكلىرى،  ئائىلە بۇيۇملىرى.( مىللىي قاچا ـ قۇچا، يىكەنداز قېپى قاتارلىقلار)،  ئىچ كىيىم،  ئۇخلاش كىيىملىرى ، زىبۇ ـزىننەت (كۈمۈش)، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى،  خانىم ـ قىزلار يۈز ـ تېرە ئاسراش بويۇملىرى،  قۇرۇق يەل ـ يېمىش قاتارلىق قۇربان ھېيىتقا كېرەكلىك بويۇملار سېلندى.

سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخفى ئاياللار بۆلۈم مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەرمەنكە ئېچىشتا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھاياتىغا يېڭىچە تۈس بېرىش ، ئۆز ئالدىغا ئېگىلىك تىكلىشىگە پۇرسەت يارتىش، ھېتلىق بويۇملارنى ئۆزىمىزدىن سېتىۋىلىش ئۈچۈن ھېيتلىق سودا بازىرى ئاچقان بولسا يەنە بىر نوقتىدىن ئۇيغۇر مىللىي ئەنئەنىسىنى ساقلاپ قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۆزدە تۇتقان. ھېيىتلىق بويۇملار مۇۋاپىق باھادا سېتلىدىكەن. يەرمەنكە 27- ئىيۇلدىن 29- ئىيۇلغىچە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، ھەر كۈنى ئەتتىگەن سائەت 10دىن كەچ سائەت 6 گىچە ئېچىلىدىكەن.  ھېيىت بازىردىن كېيىنمۇ ھەر جۈمە كۈنىنى «جۈمە بازىرى »قىلىپ ئېچىش پىلانلانغان.

مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ئىچىدە يانفۇن ئارقىلىق سودا قىلىشنى خالايدىغانلار «05373363391 » نومۇرى بىلەن ئالاقە قىلىسا بولىدىكەن.

 

بۇ خەۋەر 1929 قېتىم كۆرۈلدى
27/07/2019 18:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق