سېرىكجان بىلاشئوغلى يەتتە يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن

سېرىكجان بىلاشئوغلى يەتتە يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن

قازاق خەۋەرلىرى تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستاندا «ئاتا يۇرت» تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان قازاقلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتىنى باشلىغان پائالىيەتچى سېرىكجان بىلاشئوغلى يەتتە يىللىق قاماق جازاسى خەۋپىگە دۇچ كەلگەن.
بىلاشئوغلىنىڭ ئادۋوكاتى ئايمان ئۆمەروۋا دېلو ھەققىدە توختىلىپ، سېرىكجان بىلاشئوغلىنىڭ قازاقىستان تەپتىش دائىرىلىرى تەرىپىدىن «باشقىلارنى جىھادقا ۋە مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى، ئۇنىڭ يېقىنقى بەش ئايدىن بۇيان ئاستانىدە نەزەربەنتتە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، قازاقسىتان سوت مەھكىمىسىنىڭ بىلاشئوغلىنىڭ 29‏-ئىيۇل كۈنى سوتلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى، قازاقىستان تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ تەييارلىغان ئەيىبنامىسىنى ئۆزىگە ئەۋەتىپ بەرگەنلىكىنى، ئەيىبنامىدە بىلاشئوغلىنىڭ باشقىلارغا جىھاد ھەققىدە سۆز قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى، ئەگەر سوت سېرىكجان بىلاشئوغلىغا جىنايەت بېكىتسە، ئىككى يىلدىن يەتتە يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلغان.
ئايمان ئۆمەروۋا بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، بىلاشئوغلىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىغانلىقىنى، پەقەت خىتاينىڭ قازاق، قىرغىز، ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا قامىشىغا قارشى ئاخبارات جىھادى ئېلىپ بېرىشنى تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئايمان ئۆمەروۋانىڭ بىلدۈرۈشىچە، قازاقىستان ئامانلىق دائىرىلىرى بىلاشئوغلىنىڭ «جىھاد» دېگەن سۆزىنى كېسىپ ئېلىپ، ئۇنى ئەيىبلەشنىڭ دەلىلى ئورنىدا ئىشلەتكەن.

بۇ خەۋەر 720 قېتىم كۆرۈلدى
27/07/2019 15:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق