خىتاي دۆلەت مۇداپىئەسى ھەققىدە يېڭى ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى

خىتاي دۆلەت مۇداپىئەسى ھەققىدە يېڭى ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى

ب ب س خەۋەر تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى تۈنۈگۈن «يېڭى دەۋردىكى خىتاي دۆلەت مۇداپىئەسى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى.
ئالدىنقى ھەپتىدىكى شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار ئاق تاشلىق كىتابتىن كېيىنلا ئېلان قىلىنغان بۇ ئاق تاشلىق كىتابتا تەيۋەن، جەنۇبىي دېڭىز ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خىتاينىڭ ھەربىي خامچوتى، ھەربىي ئىسلاھاتى قاتارلىق مەسىلىلەر تىلغا ئېلىنغان.
بۇ شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن بۇيان ئېلان قىلىنغان تۇنجى ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك دۆلەت مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابى بولۇپ، كىتاب نامىغا شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «يېڭى دەۋر» دېگەن ئاتالغۇ ئالاھىدە ئىشلىتىلگەن.
ئاق تاشلىق كىتابتا تەيۋەننىڭ خىتاينىڭ زېمىنى ئىكەنلىكى، تەيۋەن مەسىلىسىدە قورال كۈچى ئىشلەتمەسلىككە ۋەدە بېرەلمەيدىغانلىقى، زۆرۈر بولسا ھەرقانداق ھەربىي تەدبىر قوللىنىشتىن يانمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئۇندىن باشقا ئاق تاشلىق كىتابتا مالايشىيا، ۋىيېتنام، فىلىپپىن ۋە ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان جەنۇبىي دېڭىزدىكى كىچىك ئاراللارنىڭ %90 نىڭ خىتايغا تەۋە ئىكەنلىكى، بۇ رايونلاردا ئاساسىي ئەسلىھەلەرنى قۇرۇپ چىقىشقا تامامەن ھەقلىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تەيۋەن ھۆكۈمىتى قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇندىن باشقا ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى بۈگۈن بىر ھەربىي پاراخوتىنىڭ تەيۋەن دېڭىز بوغۇزىدىن كېسىپ ئۆتكەنلىكىنى جاكارلىغان.

بۇ خەۋەر 924 قېتىم كۆرۈلدى
25/07/2019 16:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق