ئامېرىكا خىتاي بىلەن قايتىدىن سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا خىتاي بىلەن قايتىدىن سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارى تۈنۈگۈن ئامېرىكا ۋەكىللىرىنىڭ بۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا خىتايغا بېرىپ، سودا سۆھبىتى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ قېتىملىق سۆھبەت 31-ئىيۇل شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن. بۇ قېتىم خىتاي تەرەپ سۆھبەت ئورنىغا بېيجىڭنى ئەمەس،بەلكى شاڭخەينى تاللىغان.
يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدىكى ئۇچرىشىشتىن كېيىن كۆزەتكۈچىلەر ئىككى تەرەپنىڭ پات يېقىندا يۈزتۇرانە سۆھبەتلىشىش مۇمكىنچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا بىرلىككە كېلىنمىگەن نۇقتىلار بار بولۇپ، ئامېرىكا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي بولسا ئامېرىكىنىڭ بارلىق جازالاش خاراكتېرىدىكى تاموژنا بېجىنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
بۇ قېتىم خىتاي تەرەپنىڭ سۆھبەت ھەيئىتىگە سودا ئىشلىرى مىنىستىرى جۇڭشەنمۇ قوشۇلغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭغا ئاساسەن خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە ئامېرىكا بىلەن بىرلىك ھاسىل قىلىشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 818 قېتىم كۆرۈلدى
24/07/2019 13:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق