خىتاي بىلەن تۈركىيە ھەربىي ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈچۈن كۆرۈشتى

خىتاي بىلەن تۈركىيە ھەربىي ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈچۈن كۆرۈشتى

(تەرجىمە خەۋەر)

 تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى ئورگېنېرال ھاسان كۈچۈكيۈز بېيجىڭدا خىتاي مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋېي فېڭخې بىلەن كۆرۈشتى. بۇ كۆرۈشۈشتە ۋېي فېڭخې خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغاننىڭ باشلامچىلىقىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ توسالغۇسىز تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت ھاۋا ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى يېقىن مۇناسىۋەت ۋە ھەمكارلىقنىڭ ساقلاپ قېلىنغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.

 ۋېئى فېڭخې خىتاينىڭ تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئارىسىدا ئىلگىرىكى يىللاردا تۈزۈلگەن مۇھىم توختاملارنى قەتئىيلىك بىلەن ئىجرا قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتىش بىلەن بىرگە، دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ھەمكارلىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيە بىلەن بارلىق ساھەلەردە كۆرۈشۈش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاش، ئېنىق بولغان مەسىلىلەرنى بىرتەرەپ قىلىشتا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ ھەمكارلىقى ۋە مۇناسىۋەتلىرىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

 ھاسان كۈچۈكيۈز بولسا ئىككى دۆلەت ئەسكەرلىرىنىڭ ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن بارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇچرىشىش ۋە ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مەنبە:https://www.ulusal.com.tr/gundem/cin-ile-turkiye-askeri-isbirligini-gorustu-h232038.html

 

بۇ خەۋەر 1640 قېتىم كۆرۈلدى
10/07/2019 14:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق