يانفونىنى قانۇنسىز ئېچىپ ئىشلىتىۋاتقانلار دىققىتىگە

يانفونىنى قانۇنسىز ئېچىپ ئىشلىتىۋاتقانلار دىققىتىگە

9-ئىيۇل ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدىكى گۇرۇپپا باشلىقى مەھمەت مۇش يانفوننى قانۇنسىز ئېچىپ ئىشلىتىشنى تىزگىنلەش ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن.
مەھمەت مۇش تەكلىپىدە چەتئەلدىن تۈركىيەگە باج تۆلەنمەي ئېلىپ كېلىنگەن يانفونلارنى ساختا İMEİ نومۇرى بىلەن ئاچقانلارنى جازالاش، ساختا İMEİ نومۇرىغا ئېچىلغان يانفونلارنى تەكشۈرۈپ تاقاشنى تەكىتلىگەن. ئەگەر بۇ تەكلىپ قوبۇل قىلىنسا، قانۇنسىز ئېچىلغان يانفونلار تۆت ئايدىن كېيىن تاقىلىدىكەن. بىر يىل ئىچىدە 250 لىرا جەرىمانە قويۇلۇپ، جەرىمانە تۆلىمىگەنلەرنىڭ يانفونلىرى تۈركىيەگە مەڭگۈلۈك تاقىلىدىكەن.

بۇ خەۋەر 1122 قېتىم كۆرۈلدى
10/07/2019 14:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق