كانادانىڭ بىر نەچچە شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

 

كانادانىڭ بىر نەچچە شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
5-ئىيۇل كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى»نى خاتىرىلەپ، كەڭ كۆلەمدە نامايىش ئۆتكۈزگەن.
نامايىش بىرلا ۋاقىتتا كانادانىڭ تورونتو، مونتىرىيال، ۋانكوۋېر قاتارلىق چوڭ شەھەرلىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن.
نامايىشنى كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەردىن بولۇپ 600دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان. نامايىشچىلار قوللىرىدا شەرقىي تۈركسىتان بايرىقى، خىتايغا قارشى پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، «ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى ئۇنتۇمايمىز»، «جازا لاگېرلىرى تاقالسۇن» دېگەن شوئارلارنى توۋلىغان.
خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن سىرت، بىر قىسىم كىشىلەر يەنە پۇتلىرىغا كىشەن، قوللىرىغا كويزا تاقاپ، خىتايغا قارشى شوئار توۋلاپ، چوڭ كوچىلاردا يۈرۈش قىلغان ھەمدە «ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى»نى خاتىرىلەپ بايانات ئېلان قىلغان.

 

بۇ خەۋەر 1361 قېتىم كۆرۈلدى
08/07/2019 23:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق