خىتاي دوختۇرخانىسىنىڭ تەشۋىقات فىلىمى گۇمان قوزغىدى

خىتاي دوختۇرخانىسىنىڭ تەشۋىقات فىلىمى گۇمان قوزغىدى

يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان بېيجىڭدىكى مەلۇم دوختۇرخانىنىڭ تەشۋىقات فىلىمى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
تەشۋىقات فىلىمىدە بېيجىڭ تۇڭشەنتاڭ دوختۇرخانىسى تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، دوختۇرخانىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك شارائىتلىرىدىن باشقا، دوختۇرخانا ئىچىدە مەخسۇس چەتئەللىك مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مەسچىت، مۇسۇلمانچە ئاشخانا ۋە تەرجىمانلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىغان.
كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ چەتئەللىك مۇسۇلمانلارنى ئالاھىدە كۈتۈۋېلىش ئوبيېكتى قىلغانلىقىغا ئاساسەن، بۇ دوختۇرخانىنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى تىلغا ئېلىنىپ كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندىكى «ھالال ئورگان» تىجارىتى بىلەن ئالاقىسى بارلىقى ھەققىدىكى گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خەلقئارالىق تاراتقۇلار خىتايدىكى ئادەم ئورگانلىرى تىجارىتىنىڭ ھېلىھەم داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، فالۇن گۇمپىسى مۇرىتلىرى ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ مەجبۇرىي ئېلىنىپ، مەخپىي سېتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇندىن باشقا ئالاقىدار كىشىلەر ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ «ھالال ئورگان» نامىدا چەتئەللىك مۇسۇلمانلارغا يۇقىرى باھادا تەمىنلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ، تور دۇنياسىدا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.

مەنبە:https://www.facebook.com/arslan.hidayat.12/videos/348938685796914/UzpfSTEwMDAyNDIwMTM3MDYxODo0NjI1OTUyMjEyMjM4NTM/?id=100024201370618

بۇ خەۋەر 876 قېتىم كۆرۈلدى
04/07/2019 14:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق