پىرېزىدېنت ئەردوغان خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى

پىرېزىدېنت ئەردوغان خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى

خەۋەر يەتتە تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پىرېزىدېنت ئەردوغان بېيجىڭغا يېتىپ بېرىپ، خىتاي زىيارىتىنى باشلىغان.
پىرېزىدېنت ئەردوغاننى تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئابدۇلقادىر ئەمىن ئۆنەن، خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ليۇ شىيەنفا، خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دېڭ لى قاتارلىقلار بېيجىڭ خەلقئارا ئايرودرومىدا كۈتۈۋالغان.
خەۋەردە پىرېزىدېنت ئەردوغانغا رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلى، مالىيە مىنىستىرى بەرات ئالبايراق، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوي، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، سودا ئىشلىرى مەسئۇلى رۇخسار پەكجان، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مۇئاۋىن باشلىقى جەۋدەت يىلماز، پىرېزىدېنلىق مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ۋە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن قاتارلىق رەھبەرلەر ھەمراھ بولغان.
مەلۇم بولۇشىچە، پىرېزىدېنت ئەردوغان بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئايرىم ئۇچرىشىدۇ ۋە ئۇندىن باشقا ھەيئەتلەر ئارىسىدىكى ئۇچرىشىشلارغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. ئۇچرىشىشنىڭ مۇھىم تېمىلىرىدىن بىرى 2017-يىلى باشلانغان «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ھەققىدىكى تەپسىلاتلار بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەردوغان خىتاي زىيارىتى جەريانىدا رايون ۋە خەلقئارانىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مەسىلىلەر بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كاپالەت قىلىش ھەققىدە توختىلىدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە.

بۇ خەۋەر 1161 قېتىم كۆرۈلدى
02/07/2019 15:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق