كۈچۈك چەكمەجە شۆبە رەئىسى ئۇيغۇر تەشكىلات ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

كۈچۈكچەكمەجە شۆبە رەئىسى ئۇيغۇر تەشكىلات ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى
15-ئىيۇن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل كۈچۈكچەكمەجە شۆبە رەئىسى مۇستافا قورقۇت ئەپەندى بىلەن سەفاكۆي رايونلۇق مەمۇرىي ئىشلارنى بېجىرىش مەركىزىنىڭ (Küçükçekmece Kaymakamlığı) ۋەكىللىرى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مەركىزىدە ئۇيغۇر تەشكىلات ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.
ئۇچرىشىشقا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، قوشۇمچە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزالىرى، مائارىپ جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات ۋە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ۋەكىللىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزالىرى ئىشتىراك قىلدى.
ئۇچرىشىشتا ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان مۇستافا قورقۇت ئەپەندىگە كۈچۈكچەكمەجە سەفاكۆيدە ئولتۇراقلاشقان شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلىرىنىڭ يېقىندا بارغانسېرى كۆپەيگەنلىكىنى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ بالىلارنى ئوقۇتۇش، ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەردە قىيىنچىلىقلار كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى، رەئىسنىڭ بۇ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشتا ياردەم قىلىشىنى ئۈمىدە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇستافا قورقۇت ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ ھەرقانداق قىيىنچىلىقلىرى ۋە تەلەپلىرىگە قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 2663 قېتىم كۆرۈلدى
16/06/2019 22:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق