خىتاي ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسىنى شەرقىي تۈركىستانغا تەكلىپ قىلدى

خىتاي ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسىنى شەرقىي تۈركىستانغا تەكلىپ قىلدى

13-ئىيۇن جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چېن شۈ جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا رەئىس مېشېل باچېلوتنى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركسىتان)دىكى ئاتالمىش «تېخنىكا تەربىيەلەش مەركەزلىرى»نى كۆزدىن كەچۈرۈشكە تەكلىپ قىلغان.
چېن شۈ باياناتىدا كۆز بىلەن كۆرگەنگە ئىشىنىش ئەڭ ئاقىلانىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ بىلجىرلىغان. خىتاي ئەمەلدارلىرى ب د ت ئەمەلدارلىرىنىڭ «ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق» شەرتى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا تەكشۈرۈشكە بارسا بولىدىغانلىقى ھەققىدە بىر نەچچە قېتىم تەكلىپ بەرگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي نامۇۋاپىق شەرتلەرنى قويغاچقا ب د ت تەرىپىدىن رەت قىلىنىپ، خىتاينىڭ تەكشۈرۈشنى شەرتسىز قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مېشېل خانىم ئىلگىرى چىلىنىڭ پىرېزىدېنتى بولغان 2018-يىلى ئاۋغۇستتىن باشلاپ زەيىد ھۈسەيىننىڭ ئورنىغا چىققان ھەمدە ئىزچىل تۈردە ب د ت نىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇتقۇن قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن ئەمەلدارلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ بۇ تەكلىپكە ھازىرچە ئىنكاس قايتۇرمىغان.

مەنبە: https://www.reuters.com/article/us-china-rights-un-idUSKCN1TE12Q?fbclid=IwAR3E91Qew1ACK-Vik-9ngOF2IZQXCXD5fCG7K97PRvl0Bk4E9Rs-nRGR1-Q

بۇ خەۋەر 1167 قېتىم كۆرۈلدى
14/06/2019 16:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق