خىتاينىڭ ئويۇنلىرى ئاشكارىلاندى

خىتاينىڭ ئويۇنلىرى ئاشكارىلاندى

9-ئىيۇن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ يېقىندىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا ئوينىغان ئويۇنلىرى ئاشكارىلىنىشقا باشلىغان.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ نەچچە مىليون شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۈرمە ۋە جازا لاگىرلىرىغا قامىشى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كوچىلاردا ئادەم قالمىغان. خىتاي بۇ جىنايىتىنى خەلقئارادىن يوشۇرۇش ئۈچۈن، ساقچىلارنى پۇقراچە كىيىندۈرۇپ، كوچا-كويلارغا ئورۇنلاشتۇرغان.
ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلەپ تۇتقۇن قىلىنىشى سەۋەبلىك ئۇيغۇر سەنئەتكارلارمۇ جازا لاگېرىغا قامالغان. ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ بولغان دۆڭكۆۋرۈك بازىرىدا ئۇيغۇرلار قاتتىق ئازىيىپ كەتكەن. خىتاي جىنايىتىنى چاندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن، بىر توپ خىتاينى ئۇيغۇرچە ياساندۇرۇپ، ئۇسسۇل ئوينىتىپ، ھېچ ئىش بولمىغاندەك ساختا سەھنە ياساپ، خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنغان.

بۇ خەۋەر 1229 قېتىم كۆرۈلدى
10/06/2019 17:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق