خىتاي تىۋىتتېرغا قارا قولىنى سۇندى

خىتاي تىۋىتتېرغا قارا قولىنى سۇندى

31-ماي ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تىۋىتتېرغا قارا قولىنى سۇنۇپ، ئۆزىگە قارشى بىر قىسىم ھېساباتلارنى تازىلىۋەتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قارشى شەخس ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ھېسابات نومۇرىدا تۇيۇقسىز قالايمىقانچىلىق كۆرۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن داڭلىق شەخسلەرنىڭ ھېسابات نومۇرىمۇ بار ئىكەن. قىسمەن شەخسلەرنىڭ ھېساباتى كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق سەھىپىدىكى ئەگەشكۈچىلەر سەۋەبسىز ئازلاپ كەتكەن ياكى بىراقلا نۆلگە چۈشۈپ قالغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ قارا قولى ھازىر دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە يېتىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ خالىغىنىنى قىلىشقا، قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشقا باشلىغان.
ئانالىزچىلار تىۋىتتېردىكى بۇ قالايمىقانچىلىقنىڭ خىتاي خاككىرلىرىنىڭ ھۇجۇمى سەۋەبىدىن بولغانلىقىنى، تىۋىتتېر شىركىتى ئىچىدە خىتايغا ماسلىشىپ بېرىدىغان قارا قولنىڭ بارلىقىنى، تىۋىتتېر شىركىتى ئېغىزىدا دېموكراتىيەنى تەشۋىق قىلغىنى بىلەن، ئەمىلىيەتتە خىتايغا ماسلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

بۇ خەۋەر 1471 قېتىم كۆرۈلدى
01/06/2019 21:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق