بۈلەنت يىلدىرىم: دۇنيادىكى ئەڭ مەزلۇم خەلق شەرقىي تۈركىستان

بۈلەنت يىلدىرىم: دۇنيادىكى ئەڭ مەزلۇم خەلق شەرقىي تۈركىستان
31-ماي ئىستانبۇلدىكى سۇلتان مۇھەممەت فاتىھ جامەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئەركىن قۇددۇس يۈرۈشى» نامايىشىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي چەكلىمىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى (İHH) نىڭ تەشكىللىشى بىلەن قەدىر كېچىسىنى بىرگە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن سۇلتان فاتىھ جامەسىگە يىغىلغان نەچچە مىڭ خەلق فاتىھ جامەسىدىن ئەدىرنەكاپى شېھىتلىكىگىچە يۈرۈش قىلىپ، «ئەركىن قۇددۇس يۈرۈشى» نامايىشى قىلغان.
نامايىشقا بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كىملىكىنى نامايەن قىلغان. نامايىشتىن كېيىن سۆز قىلغان ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى رەئىسى بۈلەنت يىلدىرىم ئەپەندى «خىتاي جاھانگىرلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنى لاگېرلارغا سولىدى. ھەتتا 70 ياشقا كىرگەن خانىملارغىمۇ زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز دۇنيادىكى ئەڭ مەزلۇم خەلقتۇر. شەرقىي تۈركىستان، ئاراكان ۋە قۇددۇس چوقۇم مۇستەقىل بولىدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

 

بۇ خەۋەر 14373 قېتىم كۆرۈلدى
01/06/2019 17:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق