يەكەندىكى بىر نەچچە مەسچىت ۋە مەدەنىيەت ئىزنالىرىنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

يەكەندىكى بىر قانچە مەسىچىت ۋە مەدەنىيەت ئىزلىرىنىڭ چېىقىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى
پىدائيلار يەكەننىڭ ئىلگىرىكى گوگۇل خەرىتىسى بىلەن ھازىرقى گوگۇل خەرىتىسىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق يەكەندىكى قەدىمىي مەسچىتلەر ۋە ئىسلام مەدەنىيەت ئىزلىرىنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكىنى بايقىغان.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يەكەن ناھىيە گۇلباغ يېزا خىنىم ئىرىق كەنتى جۇمە مەسچىتىنى چىقىپ تۈزلىۋىتىلگەن.
كۆلۈمى تەخمىنەن 1 مۇ ئەتراپىدا كېلىدىغان يەكەن ناھىيە گۇلباغ بازىرى چىغۋان كەنت 5- مەھەللە مەسچىتى ۋە ئەتراپىدىكى ئۆيلەر چېقىۋېتىلىپ ئۇرنىغا باشقا قۇرۇلۇش سىلىنغان. مەركۇز مەسچىت 2011 يىلى قايتىدىن بىتۇنلاپ ياسالغان ئىدى.
يەكەن ناھىيە بازارلىق ھۆكۈمەت، باغچا ئالدى ئاھالە كۇمىتىتكە قاراشلىق يەكەننىڭ قەدىمكى ئۇلتۇراق رايۇن تەۋەلىكىدە جەمئى ئۈچ مەسچىت بار بولۇپ، بۇ مەسچىتلەرنىڭ ھەممسى پۈتۈن ئۇي ۋە مەھەللىلەر بىلەن قوشۇپ چىقىۋېتىلگەن.
يەكەن ئىلىشقۇ يىزا ، ياقتام كەنتى بىلەن خۇشنا كەنىت ،يەكەن -مارالبېشى تاش يۇل لىنيەسى بۇيىغا جايلاشقان مەھەللە مەسچىتى مەھەللە بىلەن قۇشۇپ چىقىپ تۈزلىۋىتىلگەن .
پىدائىيلار يەنە، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئاتلىنىشقا چاقىرىق قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
« خىتايلار چېقىپ تۈزلىۋەتكەن قەدىمىي مەدەنىيەت مىراسلىرىمىز ھەققىدە خەلقئارادىكى ئالاقىدار ئورگانلارغا ئەرز قىلىپ چىقىلغاننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە ، ھازىر ساقلىنىپ قالغانلىرىنى ئىنىقلاپ رەتلەپ چىقىپ خەلقارالىق مۇناسىۋەتلىك ئۇرگانلارغا ئەنگە ئالدۇرۇش ئارقلىق قوغداپ قېلىشنى مۇھىم خىزمەت تەرتىپىگە كىرگۈزۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.
شەرقىي تۈركىستاندىكى قەدىمىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىشقا باشلىغانلىقى ھەققىدە ھەر قايسى دۈلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا ، ھەر خىل ئىسلامى ، سىياسىي ، ئىجتىمائىي تەشكىلات ،جەمىيەت، ۋەخپىلەرگە، داڭلىق شەخىسلەرگە، داڭلىق كارخانىلارنىچى ،ھەر قايسى دۈلەت موزىيخانا ۋە داڭلىق ،ئاسارە – ئەتىقىللەرنى يېغىپ ساقلىغۇچى ئۇرگانلارغا، مۇخبىرلارغا ھەقىقى ئەھۋالىنى دوكلات سۇپىتىدە خەۋەردار قىلىپ مەدەني – مىراسلىرىمىزنىڭ چېقىلىۋاتقانلىقىغا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئارقىلىق ساقلىنىپ قالغانلىرىنى خىتتاينىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلاپ قىلىشقا تىرشچانلىق قىلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش تولىمۇ مۇھىم»

 

بۇ خەۋەر 1408 قېتىم كۆرۈلدى
29/05/2019 17:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق