ئىستانبۇلدا يېتىملەرگە ئىپتارلىق بېرىلدى

ئىستانبۇلدا يېتىملەرگە ئىپتارلىق بېرىلدى

26-ماي نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدا يېتىم بالىلار ۋە تۇل ئاياللارغا مەخسۇس ئىپتارلىق بەردى.
ئىپتار زىياپىتىگە 200 گە يېقىن خانىم-قىزلاردىن سىرت، يەنە كانادالىق مۇخبىرمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، زىياپەت شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئېغىر زۇلۇمى ئاستىدا بارلىق ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازادلىققا چىقىشى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ھالاكىتى ئۈچۈن قىلىنغان دۇئالار بىلەن باشلاندى.
بۇ قېتىملىق ئىپتار زىياپىتى نۇزۇگۈم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى بۇ يىل رامىزان ئېيى كىرگەندىن بېرى ئۇيۇشتۇرغان ئۈچىنچى قېتىملىق زىياپەت بولۇپ، بىرىنچى قېتىلىق ئىپتارلىقنى تۈرك دۇنياسى ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىغا، ئىككىنچى قېتىملىق ئىپتارلىقنى مەخسۇس زەيتىنبۇرنۇدىكى يېتىم بالىلارغا ئاتاپ بەرگەن.

بۇ خەۋەر 1193 قېتىم كۆرۈلدى
27/05/2019 17:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق