گوللاندىيە: بۇندىن كېيىن خىتايغا ئالدىراپ ئىشەنمەيمىز

 

ئامېرىكا ئاۋازى تورى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گوللاندىيە ھۆكۈمىتى بۇ چارشەنبە «خىتاي ئىستراتېگىيە» نى رەسمىي ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇندىن كېيىن خىتايغا ئالدىراپ ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، خىتاي تېخنىكىلىرىغا تايىنىپ قېلىش ۋە خىتاينىڭ ناتوغرا سودا رىقابەتلىشىش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى، شۇنداقلا خىتايغا تەنقىدىي مەيداندا تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، گوللاندىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىر كۈچىگە قارىتا ئېنىق بىر مەۋقە بېكىتىش ئۈچۈن بۇ ئىستراتېگىيە پىلانىنى تۈزۈشنى بىر يىل بۇرۇنلا باشلىغان.
گوللاندىيەنىڭ خىتايغا قارىتا ئېكسپورت سوممىسى 2017-يىلى 11مىليارد ياۋرو بولغان، ئەمما ئىمپورت سوممىسى 36 مىليارد ياۋرودىن ئېشىپ كەتكەن.
ھۆججەتتە مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن: «خىتاينىڭ دۇنيادا بىر كىشىلىك ئورۇنغا ئېرىشىشى ئەقىلگە ئۇيغۇن. ئەمما بۇ چوقۇم ئادىل رىقابەت ۋە خەلقئارالىق قائىدە-نىزاملارغا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك».
ھۆججەتتە يەنە گوللاندىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىققا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، ئەمما خىتاينىڭ تور ھۇجۇمى ۋە ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى تەسىرىگە قاتتىق دىققەت قىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا غوللۇق تېخنىكىلاردا خىتايغا تايىنىپ قېلىشنى خالىمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
گەرچە گوللاندىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ خۇاۋېي قاتارلىق شىركەتلىرىنى چەكلەش ھەققىدە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئالاقە شىركەتلىرى ھازىرچە يادرولۇق قىسىملارغا خىتاينىڭ ئەسلىھەلىرىنى قوللانمىغان.

بۇ خەۋەر 845 قېتىم كۆرۈلدى
16/05/2019 12:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق