د ئۇ ق خىتاينىڭ دىنىي زىيانكەشلىكى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

 

7-ماي د ئۇ ق خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنىي زىيانكەشلىكى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىي كىيىملىرىنى مەنئىي قىلغانلىقى، دىنىي بۇيۇملارنى چەكلىگەنلىكى، بارلىق دىنىي پائالىيەتلەرنى جىنايەت دەپ ھېسابلىغانلىقى، دىنىي ئەسلىھەلەرنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقى، دىنىي مۇئەسسەسەلەرنى خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن زور تەھدىت دەپ قاراپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق دىنىي پائالىيەتلىرىنى چەكلىگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
باياناتتا يەنە خىتاينىڭ دىنىي چەكلىمىلىرىنىڭ پەقەت شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋېتىشتەك زور پىلاننىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، جازا لاگېرلىرىغا قاماشتا دىنىي ئېتىقادنى ئۆلچەم قىلىشنىڭ ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئىسلام دىنىنى «روھىي كېسەللىك»، « يۇقۇملۇق كېسەل» دېگەندەك ھاقارەتلىق سۆزلەر بىلەن ئاتاپ، خەلقنى دىندىن ۋاز كېچىشكە ئاتلانغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ رەزىل پىلانىنىڭ بۇ يىللىق رامىزان مەزگىلىدە تېخىمۇ قاتتىق ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانلىقىنى، دۇنيادا مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەيدىغان خىتايدىن باشقا بىر دۆلەتنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 1295 قېتىم كۆرۈلدى
08/05/2019 18:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق