خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ھويلا-ئارام مەدەنىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا

خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ھويلا-ئارام مەدەنىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا
9-سېنتەبر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىندىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى «يېڭىچە يېزا-بازار قۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئۆي ۋە ھويلا-ئاراملارنى چېقىپ ئۆزگەرتىشكە باشلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئالدىنقى يىللىرى ئىسلام ئۇسلۇبىدا سېلىنغان قۇرۇلۇشلارنى، ئاشخانىلارنى، ئاشخانا ئىچى-سىرتىدىكى نەقىشلەرنى مەجبۇرىي چېقىپ بۇزۇۋەتكەنلىكى ئسىپاتلانغان ئىدى. بۇ يىل خىتاي يەنە «يېڭىچە يېزا-بازار قۇرۇپ چىقىش» نامى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېزا-كەنتلىرىدىكى مىللىيچە نەقىشلەر، ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبتا سېلىنغان ئۆيلەر ۋە ھويلا-ئاراملارنى مەجبۇرىي چېقىپ، ئورنىغا خىتايچە ئۇسلۇبتا سېلىشقا مەجبۇرلىغانلىقى ئاشكارىلانغان.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۆتكەن يىلىمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۇيغۇر ئۇسلۇبىدا ياسىغان ئۆي بېزەكلىرىنى مەجبۇرىي چېقىپ، خىتايچە ئۇسلۇبتا ياساشقا مەجبۇرلىغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 1549 قېتىم كۆرۈلدى
10/09/2019 14:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق