27-مارت ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپىيو خىتاينى ئۇيغۇرلارنى لاگېرغا قاماشتەك يىرگىنىشلىك ھەركىتىنى توختىتىشقا چاقىرغان.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپىيو تۈنۈگۈن ئامېرىكا ئاۋازى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى كەڭ كۆلەملىك لاگېرغا قاماش سىياسىتىنى «يىرگىنىشلىك، پاجىئەلىك» دەپ سۈپەتلىگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە «خىتاينىڭ نەچچە مىليون ئۇيغۇرنى لاگېرغا قامىشى تارىخ خاراكتېرلىك كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بىز ھازىر خىتاينى ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ يىرگىنىشلىك، پاجىئەلىك ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتىمىز، خىتاي بۇ قىلمىشلىرىنى توختىتىشى كېرەك» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن. پومپېيو ئامېرىكا پارلامېنتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن يېپىق يىغىندىن كېيىن بۇ سۆزلەرنى قىلغان.