ئانالىزچىلار: ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتى كېلىشىمىنىڭ كەينىگە سۈرۈلۈشى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن

ئانالىزچىلار: ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتى كېلىشىمىنىڭ كەينىگە سۈرۈلۈشى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن

دوۋېي تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئانالىزچىلار ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتى كېلىشىمىدە زور ئىلگىرىلەش بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكىنىڭ كېلىشىم ئىمزالاشقا ئالدىرىمايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئانالىزچىلار بۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەلۇم بىر ئەمەلدارى 11-ئايدا چىلىدا ئىمزالانماقچى بولغان ئامېرىكا-خىتاي سودا كېلىشىمىنىڭ پىلان بويىچە ئىجرا قىلىنماسلىقى مۇمكىنلىكىنى، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن كېلىشىمنىڭ بۇزۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە بۇ ھەقتە توختىلىپ، كېلىشىمگە ئالاقىدار مەزمۇنلارنىڭ تېخى تولۇق تەييارلىنىپ بولالمىغانلىقىنى، ئەمما يەنىلا بۇ قېتىملىق كېلىشىم ئىمزالاشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا سۆھبىتىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى مۇھىم ئامىل دەپ قارىلىشقا باشلىغان. گېرمانىيە ئاۋازى تورى ئامېرىكا جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتقان سودا كېلىشىمىگە ئالاقىدار ئىنچىكە تەپسىلاتلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىلەن ئالاقىدار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 670 قېتىم كۆرۈلدى
31/10/2019 16:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق