ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينىڭ ئورگان ئەتكەسچىلىكىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بارلىق ئاماللارنى ئىشقا سېلىپ، خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا يىغىۋېلىش جىنايىتىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئىككى پارلامېنت ئەزاسى 8-ماي ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېنغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، نۆۋەتتە مەۋجۇت بولغان ئىمكانىيەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ قانۇنسىز ئىچكى ئەزا يىغىۋېلىش سودىسىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ماركو رۇبىيو ۋە ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى كىرىس سىمىس مەكتۇپىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى مۇكاپاتلاش ئۇسۇلى بىلەن ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئارقىلىق، خىتايدىكى ۋەھشىيانە ئورگان ئەتكەسچىلىك جىنايىتىگە قاتناشقان خىتايلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە چاقىرغان.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ مەزكۇر ئىككى پارلامېنت ئەزاسى مەكتۇپىدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەزا كۆچۈرۈشكە بولغان ئېھتىياجى ۋە خىتايدىكى قانۇنسىز ئورگان ئەتكەسچىلىكىنىڭ ئىسپاتىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇنىڭغا شاھىت بولغان ياكى قاتناشقان كىشىلەردىن بىرىنچى قول ئۇچۇرغا ئېرىشىشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەكتۇپتا يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ 2021-يىلى 6-ئايدا ئېلان قىلغان باياناتىدا ئاشكارىلانغان خىتاينىڭ فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، مۇسۇلمانلار ۋە خىرىستىيانلارنى نىشان قىلغان ئىچكى ئەزا يىغىۋېلىش جىنايىتى مىساللار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1777 قېتىم كۆرۈلدى
10/05/2024 14:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق