ئاتۇش ۋە قاغىلىقتا كۈچلۈك يەر تەۋرىدى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاتۇش شەھىرى، قاغىلىق ناھىيەلىرىدە كۈچلۈك يەر تەۋرىگەن.

خىتاي يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىسىنىڭ رەسمىي ئۆلچەپ بېكىتىشىچە، 20-ماي ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 11 تىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاتۇش شەھىرىدە (شىمالىي كەڭلىك 40.28 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 77.05 گىرادۇس) 5.2 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 19 كىلومېتىر بولغان.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەر تەۋرىگەن جاينىڭ 10 كىلومېتىر دائىرىسىدە قاراجول يېزىسىنىڭ شېھىت، ئاقبۇلاق، مەشھەت، قوشبۇلاق، شۇرۇق قاتارلىق كەنتلىرى بار ئىكەن.

خىتاي يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىسى تورىنىڭ رەسمىي ئۆلچەپ بېكىتىشىچە، 19-ماي ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 1 تىن 38 مىنۇت ئۆتكەندە، قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 36.42 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 77.1 گىرادۇس) 4.6 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 مىڭ مېتىر بولغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2402 قېتىم كۆرۈلدى
20/05/2024 16:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق