نۇزۇگۇم جەمئىيىتى رامىزاننىڭ 8-كۈنىنى «يېتىملەر ئىپتار كۈنى» قىلىپ بېكىتتى

 

13-ماي شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى ئىستانبۇل سەفاكۆيدە ئىپتار پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ھەر يىلى رامىزاننىڭ 8-كۈنىنى «يېتىملەر ئىپتار كۈنى» قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئىپتارلىق پائالىيەت قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلانغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان ئەپەندى ئېچىلىش سۆزى قىلدى.


شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم سۆزگە چىقىپ، جەمئىيەتنىڭ ھەر يىلى رامىزاننىڭ 8-كۈنىنى يېتىملەرگە ئىپتار بېرىش كۈنى قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى، بۇ پائالىيەتنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە نۇزۇگۇمنى قوللاۋاتقان قېرىنداشلار ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، خەلقىمىزنىڭ بۇ پائالىيەتنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 1318 قېتىم كۆرۈلدى
14/05/2019 18:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق