خىتاينىڭ ئاساسلىق شەھەرلىرىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك چۆكمەكتە

ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئاساسلىق شەھەرلىرىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئولتۇرۇشۇپ كېتىشكە باشلىغان.

«ئىلىم-پەن» ژۇرنىلىدا 18-ئاپرېل ئېلان قىلىنغان بىر ئىلمىي ماقالىدە كۆرسىتىلىشچە، خىتاينىڭ ئاساسلىق شەھەرلىرىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئوتتۇرھال ۋە ئېغىر دەرىجىدە ئولتۇرۇشۇپ كېتىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال دېڭىز سۈيى كۆتۈرۈلگەندە مىليونلىغان كىشىنى كەلكۈننىڭ خەتىرىگە دۇچار قىلىدىكەن. كەلگۈسى بىر ئەسىر ئىچىدە، خىتاينىڭ دېڭىز بويىدىكى شەھەرلىرىدىكى ئوندىن بىر قىسىم ئاھالە دېڭىز يۈزىدىن تۆۋەن يەردە ياشايدىكەن.

ماقالىنىڭ ئاپتورى خىتاينىڭ %45 شەھەر زېمىنىنىڭ يىلىغا ئۈچ مىللىمېتىردىن كۆپرەك ئولتۇرۇشۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدىكى %16 شەھەر ئورنىنىڭ يىلىغا 10 مىللىمېتىردىن تېز سۈرئەتتە چۆكۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقىغان. بۇ ئەھۋال يەر ئاستى سۈيىنىڭ تۆۋەنلىشى سەۋەبلىك ئەمەس، بەلكى قۇرۇلۇش مۇھىتنىڭ يەر ئاستىغا ئېلىپ كەلگەن تەسىرى سەۋەبىدىن ئىكەن. قۇرۇلۇشنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان شەھەرلەر خىتاينىڭ بېيجىڭ، فۇجۇ، خېفېي ۋە شىئەن قاتارلىق چوڭ شەھەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ خىل چۆكۈش يەر يۈزىنىڭ دېڭىز يۈزىگە نىسبەتەن چۆكۈپ كېتىشى بولۇپ، كۆپىنچە يەر ئاستى سۈيى، تاش ياكى باشقا بايلىقلارنىڭ قېزىلىشىدىن كېلىپ چىقىدىكەن.

خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ شەھەر نوپۇسى 900 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئولتۇرۇشۇپ كېتىۋاتقان شەھەرلەر ئاز بىر قىسىمنى تەشكىل قىلسىمۇ، ئەمما شەھەر تۇرمۇشىغا ئېغىر تەھدىت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن ئىكەن.

نۆۋەتتە يەرنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كېتىشى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان خىتايدىكى يىللىق زىيان 7 مىليارد 500 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەرنىڭ سۇ ئاستىدا قېلىش خەۋپى تېخىمۇ چوڭ ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1613 قېتىم كۆرۈلدى
20/04/2024 17:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق