قىرغىزىستان خىتاي ئەپ دېتالى TikTok نى رەسمىي چەكلىدى

قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى قاتتىق تەنقىدكە ئۇچراپ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ داڭلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ئەپ دېتالى TikTok نى چەكلەش قارارىنى ئېلان قىلدى.

ھۆرىيەت تورنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستاندىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلەتكۈچىلىرى 18-ئاپرېلدىن باشلاپ TikTok نى ئىشلىتەلمەيدىكەن. قىرغىزىستان رەقەملىك تەرەققىيات مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى ئورگانلارغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، دۆلەت ئىچىدە TikTok ئىشلىتىشنى چەكلەش قارارىنى ئۇقتۇرغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، قىرغىزىستان مەدەنىيەت، ئالاقە، تەنتەربىيە ۋە ياشلار مىنىستىرلىقى 2023-يىلى 8-ئايدا TikTok نى چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى كۆپلىگەن ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ TikTok نىڭ بالىلارنىڭ پىسخىك يېتىلىشى ۋە سالامەتلىكىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر قاتار ئەرزلىرىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە بۇنىڭغا ئاساسەن TikTok تىكى مەزمۇنلارنى تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە TikTok نىڭ ھەقىقەتەن بالىلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە تەرەققىياتىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشنى چەكلىمەيدىغانلىقى ھەمدە TikTok تا ئۇچۇرغا ئېرىشمەكچى بولغاندا، ياش قۇرامىغا ئاساسەن كونترول قىلىدىغان ئىقتىدارنىڭ يوق ئىكەنلىكى بايقالغان. شۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمەت رەقەملىك تەرەققىيات مىنىستىرلىقىغا بۇ قارارنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغان بولۇپ، خەلقنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن مىنىستىرلىق TikTok نىڭ قىرغىزىستاندىكى مۇلازىمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى قارار قىلغان.

بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان قاراردا TikTok نى چەكلەش قارارىنىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى يوق ئىكەنلىكى، بۇ تەدبىر پەقەت بالىلارنىڭ ئەخلاق تەربىيەسىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئۇچۇرلاردىن قوغداشنى مەقسەت قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1184 قېتىم كۆرۈلدى
19/04/2024 12:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق