خىتاي گېرمانىيەنىڭ باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي گېرمانىيەنىڭ خىتاي جاسۇسلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن قولغا ئالغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، گېرمانىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى مىنىستىرلىققا چاقىرتىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 26-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى پاترىشىيا فىلور ئىجتىمائىي ئالاقە سەھىپىسىدە، ئۆزىنىڭ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەپتە خىتاي ئىستىخبارات ئورگىنىغا ئىشلىگەن تۆت گېرمانىيە پۇقراسىنى قولغا ئېلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن چاقىرتىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

پاترىشىيا فىلور خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن چاقىرتىلىشى ھەققىدە توختىلىپ: «بۇ ھەرىكەت كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ، ئەمما يەنە بەزى ئىشلارنى چۈشەندۈرۈشنىڭ ياخشى پۇرسىتى» دەپ يازغان. ئۇ يازمىسىدا يەنە: «بىز مەيلى قايسى دۆلەتتىن كەلگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، گېرمانىيەدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكىتىگە ھەرگىز يول قويمايمىز. بىز قانۇن ئارقىلىق دېموكراتىك دۆلىتىمىزنى ۋە قانۇن بىلەن باشقۇرۇلىدىغان دۆلەت سىياسىتىمىزنى قوغدايمىز. گېرمانىيە فېدېراتىپ باش تەپتىشى تەكشۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلىدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەيىبلەشلەر مەسىلىسى بويىچە، ئاخىرىدا مۇستەقىل سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىدۇ» دېگەن.

گېرمانىيە فېدېراتىپ تەپتىش مەھكىمىسى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى بىلەن ھەمكارلىشىپ جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن گۇمان قىلىنغان ئۈچ گېرمانىيە پۇقراسىنىڭ 22-ئاپرېل گېرمانىيەنىڭ غەربىدە قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

بۇ ھەقتە نەقىل ئېلىنغان خەۋەرلەردە ئاشكارىلىنىشىچە، تۇتۇلغانلارنىڭ ئىچىدىكى توماس-R ئىلگىرى خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ئورگىنى بولغان دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ياللانما خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ گېرمانىيەنىڭ ھەربىي ساھەگە ئىشلىتىشكە بولىدىغان يېڭى ئىجاد قىلىنغان تېخنىكىلىرىغا ئائىت ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن. توماس-R يەنە باشقا ئىككى جاسۇس ھېرۋىگ-F ۋە ئىنا-F دىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ئۇچۇرغا ئېرىشكەن.

ئۇندىن باشقا، بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى گېرمانىيە ساقچىلىرى ئوڭچىل پارتىيە ئەزاسى، ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى نامزاتى ماكسىمىليام كىراھنىڭ بىر خىتاي ياردەمچىسىنى خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئالغان. قولغا ئېلىنغان 43 ياشلىق جيەن گو ئىسىملىك خىتاي ياۋروپا پارلامېنتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرىغا ئاشكارىلاش ۋە گېرمانىيەدىكى خىتاي ئۆكتىچىلەر ھەققىدە جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1777 قېتىم كۆرۈلدى
27/04/2024 14:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق