ئەنگلىيە خوڭكوڭ نامايىشچىلىرىغا چاقىرىق قىلدى

ئەنگلىيە خوڭكوڭ نامايىشچىلىرىغا چاقىرىق قىلدى

19-نويابىر گېرمانىيە ئاۋازى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بايانات ئېلان قىلىپ، خوڭكوڭدىكى نامايىشچىلارنى دىئالوگ قىلىشقا چاقىرىق قىلغان. باياناتتا مۇنۇلار تەكىتلەنگەن: «نامايىشتا يارىدار بولغانلارنىڭ داۋالىنىشى مۇھىم. ۋەقە يۈز بېرىۋاتقان جايلاردىن چىقىپ كېتىشنى خالايدىغانلارغا بىخەتەر ئۆتۈش يولى تەييارلىنىشى كېرەك. 24-نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىدىن ئىلگىرى نامايىشچىلار بىلەن خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنى سىياسىي دىئالوگ قىلىشقا چاقىرىق قىلىمىز».
خەۋەردە يەنە خىتاينىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ليۇ شىياۋمىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، ئەنگلىيەنىڭ خوڭكوڭدىكى مۇستەقىللىق چاقىرىقلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىشى كېرەكلىكىنى، خوڭكوڭدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە نامايىشچىلارنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ خوڭكوڭ ۋالىيسى كەررىي لام ۋە ھۆكۈمىتىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى يەنە تەكرارلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خوڭكوڭدىكى نامايىش بارغانسېرى ئەۋجىگە چىقىپ، نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇش كۈچىيىپ كەتكەن، ئىككىلا تەرەپتىن كۆپ ساندا زەخمىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 569 قېتىم كۆرۈلدى
20/11/2019 15:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق