ئۇترىختا شەرقىي تۈركىستان كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى

ئۇترىختا شەرقىي تۈركىستان كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى
16-نويابىر گوللاندىيەنىڭ ئۇترىچدا شەرقىي تۈركىستان كېچىسى ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەتنى گوللاندىيەدىكى تۈرك فېدېراتسىيەسى بىلەن ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى تەشكىللىدى. پائالىيەتتە تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئايرىم-ئايرىم ھالدا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتايلاشتۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى، خىتايلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرغانلارنى ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن قىيىن-قىستاققا ئېلىپ، زىيانكەشلىك قىلغانلىقىنى، ئەھلى سۈننەگە تەۋە بولغان شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ بارلىق دىنىي پائالىيەتلىرى، ھەتتا ئېتىقادىنىڭمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقى قاتارلىقلار مەسىلىلەرنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.

 

بۇ خەۋەر 1650 قېتىم كۆرۈلدى
18/11/2019 22:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق