كۆك ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى تۇنجى خىزمىتىنى باشلىدى

كۆك ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى تۇنجى خىزمىتىنى باشلىدى
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، كۆك ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى 9-نويابىر (شەنبە) ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمەجەدىكى سەفاكۆي رايونىدا قۇرۇلۇپ، تۈركىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى خەلقىمىزگە ئېچىلىش مۇراسىمى ئارقىلىق خەۋەر قىلىنغان ئىدى. تۈنۈگۈن (يەكشەنبە) كۆك ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى خەلقىمىزگە ھەر خىل ياردەم بۇيۇمى تارقىتىش ئارقىلىق تۇنجى قېتىملىق خىزمىتىنى باشلىدى. ئىنشائاللاھ، قىسقا ۋاقىتتا بۇ تەشكىلاتىمىزنىڭ خىزمىتى ئىستانبۇلنىڭ باشقا رايونلىرىغىمۇ كېڭىيىدۇ. جەمئىيىتىمىز خىزمەتلىرىنىڭ ھەتتا چەتئەللەرگىچە كېڭىيىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
بىز بارلىق خەلقىمىزدىن بۇ تەشكىلاتىمىزنىڭ خىزمىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشىنى، ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن: كۆك ھىلال ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى.
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 05355996393

بۇ خەۋەر 1502 قېتىم كۆرۈلدى
12/11/2019 12:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق