ئىتالىيەدە شى جىنپىڭغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

 
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 22-مارت ئىتالىيە پىرېزىدېنتى سېرگىئو ماتارېللا بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
خەۋەردە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىملىق ئىتالىيە زىيارىتىدە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا ئىتالىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقى، خىتاينىڭ بۇ سودا پىلانىغا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىن پولشا ۋە گىرېتسىيەدىن باشقا ھېچقايسى دۆلەت ئىمزا قويمىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.


شىجىنپىڭ ئىتالىيە زىيارىتىدە ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، يەرلىك خەلق ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان بولۇپ، گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدىن كەلگەن بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلار تىبەتلەر بىلەن بىرلىشپ، شى جىنپىڭغا قارشى نامايىش قىلغان ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرىغا، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى شوئارلارنى توۋلىغان.

 

بۇ خەۋەر 1204 قېتىم كۆرۈلدى
23/03/2019 16:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق