ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزىدىكى زىددىيىتى كۈچىيىشكە باشلىدى

ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزىدىكى زىددىيىتى كۈچىيىشكە باشلىدى

5-نويابىر ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بىرى ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ خىتاي جەنۇبىي دېڭىزىدىكى تالاش- تارتىشىشى كۈچىيىشكە باشلىغان.
ئامېرىكا ئالاھىدە ئەلچىسى، ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى روبېرت ئوبىرىن(Robert O’Brien)تايلاندتا ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا يىغىنىدا خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزىدا باشقا دۆلەتلەرگە ھەيۋە قىلىپ، قورقۇتۇشقا باشلىغانلىقىنى ئەيىبلەپ، جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىش مەسىلىسىنى قورقۇتۇش ياكى ھەيۋە قىلىش بىلەن ئەمەس، بەلكى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ۋاشىنگتون ئەقىل ئامبىرى ئامېرىكا كارخانىلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مىچىل بېكلېر(Michael Beckley)خەلقئارا سوت مەھكىمىسىنىڭ خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا باشقا دۆلەتلەرنىڭ پاراخوتلىرىنى قەستەن سوقۇپ، ھاۋادىن تەھدىت سېلىش، توشۇۋېلىش ياكى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئارمىيەلەشتۈرۈشنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شۇ كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ مۇخىبرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «ئامېرىكا جەنۇبى خىتاي دېڭىز مەسىلىسىدە ئاتىكاچىلىق قىلماسلىقى، خىتاينىڭ دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقىنى چۈشىنىشى كېرەك» دېگەن.

بۇ خەۋەر 573 قېتىم كۆرۈلدى
05/11/2019 15:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق