دىنىي ئالىم ھۇجۇمغا ئۇچرىدى


دوۋېي خەۋەر تورىنىڭ 22-مارت بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پاكىستانلىق دىنىي ئالىم مۇفتى تەقى ئوسمانىي ئولتۇرغان ئاپتوموبىل كاراچىنىڭ شاھرائى فەيسەل رايونىدا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.
خەۋەردە ئوسمانىي ئۇزۇندىن بۇيان ئۆلۈم تەھدىتىگە ئۇچراپ كەلگەن بولغاچقا، ئۇنىڭغا قوغدىغۇچى تەيىنلەپ بېرىلگەنلىكى، ئوسمانىينىڭ 1980-يىلىدىن 1982-يىلىغىچە فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىدە سودىيەلىك ۋەزىپسى ئۆتىگەنلىكى، 1982-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە دۆلەت ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىدە شەرىئەت مەھكىمىسى يۇقىرى سوت كېڭىشى ئەزاسى بولغانلىقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، لىيۇكسېمبۇرگ قاتارلىق دۆلەتلەردىكى شەرىئەت ئورگانلىرىدىمۇ باشلىقلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەنلىكى، شۇنداقلا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى خەلقئارا فىقھى ئاكادېمىيەسىنىڭ دائىمىي ئەزالىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلگەنلىكى، ئۇندىن باشقا كاراچى دارۇل ئۇلۇم ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا سەھىھۇل بۇخارىي ھەدىسلىرى، فىقھى ۋە ئىسلام ئىقتىسادى ساھەلىرىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. 
پاكىستان خەۋەرلىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كاراچى دارۇل ئۇلۇم ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان مەۋلانا ئامىر شاھابۇددىن خاننىڭ ئاپتوموبىلىمۇ تۆت قوراللىق كىشىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، سىند ئۆلكىسىگە قاراشلىق كاراچى شەھىرىنىڭ چوۋرانگى رايونىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا مەۋلانا ئامىر شاھابۇددىن خان ئېغىر يارىدار بولۇپ، قوغدىغۇچىسى سانوبار خان ئۆلگەن.

بۇ خەۋەر 4414 قېتىم كۆرۈلدى
23/03/2019 16:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق