سىدىقۇللاھ نۇرمەمەت قويۇپ بېرىلدى
ئالدىنقى ھەپتە سەئۇدى ئەرەبىستاندىن مىسىرغا قايتۇرۇلۇپ، قاھىرە ئايرودرومىدا تۇتۇپ قېلىنغان سىدىقۇللاھ نۇرمەمەت قويۇپ بېرىلدى.
ئېنىقلىنىشىچە، سىدىقۇللا نۇرمەمەت ئۈچ ئايلىق مىسىردا تۇرۇش رۇخسىتى بىلەن يەكشەنبە كۈنى قويۇپ بېرىلگەن. لېكىن ئۇنىڭ ئۈچ ئايدىن كېيىنكى ئەھۋالىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى نامەلۇم ئىكەن.
ئۇنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى تۇغقىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سىدىقۇللاھ يەكشەنبە تېلېفون قىلىپ، ئۆزىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مىسىردا ئوقۇۋاتقان سىدىقۇللاھ نۇرمەمەت 23-ئۆكتەبىر كېچە سائەت بىر ئەتراپىدا ئۆمرە ئىبادىتى ئۈچۈن قاھىرە ئايرودرومىدىن جىددىگە قاراپ ئۇچقان. جىددە ئايرودرومىغا چۈشكەندىن كېيىن تاموژنا ساقچىلىرى «سەن خىتايغا ئوخشىمايدىكەنسەن»دېگەن باھانىلەر بىلەن ئۇنىڭ كىملىكىدىن گۇمان قىلىپ، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:50 دە جىددە ئايرودرومىدىن قاھىرەگە قايتۇرۇۋەتكەن. ئۇ قاھىرە ئايرودرومىغا چۈشكەندىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، سىدىقۇللاھنىڭ بۇ قېتىم قاھىرە ئايرودرومىدا تۇتۇپ قېلىنىشىغا ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى ئارىلاشقان. ئۇ ئىلگىرى ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىگە ئىلتىماس سۇنۇپ، مۇساپىرلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئىكەن.