ئاقسۇدا بەش بال يەر تەۋرىدى

ئاقسۇدا بەش بال يەر تەۋرىدى
27-ئۆكتەبىر خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە بەش بال يەر تەۋرىگەن.
شۇ جاي ۋاقتى سائەت 13:29 دە ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يامانسۇ قىرغىز يېزىسدا بەش بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش چوڭقۇلۇقى 11 كىلومېتىر بولغان.
سائەت 18:52 دە يەنە بىر قېتىم 4.5 بال تەۋرىگەن. تەۋرەش ئورنى شىمالىي كەڭلىك 41.18 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 83.78 گىرادۇس ئەتراپىدا بولۇپ، تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى توققۇز كىلومېتىر بولغان. بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشتە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ بار-يوقلۇقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

بۇ خەۋەر 1509 قېتىم كۆرۈلدى
28/10/2019 16:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق