لاگېر سىرتىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىمۇ ئېچىنىشلىق

لاگېر سىرتىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىمۇ ئېچىنىشلىق

25-ئۆكتەبىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ لاگېر سىرتىدا قالغان خەلقنى «يۈزلۈك نومۇر ئۆلچىمى» ۋاسىتىسى بىلەن كونترول قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى كەڭ-كۆلەملىك جازا لاگېرىغا قاماپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاش بىلەن توختاپ قالماي، لاگېر سىرتىدىكى ھەر بىر كىشىگە مەخسۇس دەپتەر تۇرغۇزۇپ، «يۈزلۈك نومۇر ئۆلچىمى» ۋاستىسى ئارقىلىق ئېچىنىشلىق ھالدا كونترول قىلغان. ئۇلارنى دەپتەردىكى جۇغلانما نومۇر ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ئاھالىلەر كومىتېتىغا ماسلىشىشقا مەجبۇرلىغان. ئاھالىلەر كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرغان پائالىيەتكە قاتناشمىسا، قوشماق تۇغقىنىنى ياخشى كۈتمىسە، خىتايلار بىلەن ئىناق ئۆتمىسە نومۇر تارتقان. ئېرىشكەن نومۇرى 90 دىن 95 گىچە بولسا «لاياقەتلىك» دەپ باھالىغان. 90 دىن تۆۋەن بولسا «لاياقەتلىك بولمىغان» دەپ باھالىغان. 95 دىن يۇقۇرى نومۇر ئالغانلارغا تەقدىرنامە بەرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى لاگېر سىرتىدا قالغان خەلقنى قېرى-ياش، كېسەل دېمەي، بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا چىقىشقا مەجبۇرلىغان.

 

بۇ خەۋەر 1215 قېتىم كۆرۈلدى
28/10/2019 15:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق