خىتاي ئۇيغۇرنىڭ جەسىتىنىمۇ قوبۇل قىلمىدى

خىتاي ئۇيغۇرنىڭ جەسىتىنىمۇ قوبۇل قىلمىدى

مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا قىرغىزىستاندا يوقاپ كەتكەن ۋە كېيىن بىر توپ جىنايەتچىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئېنىقلانغان ۋە ئالدىنقى كۈنى جەسىتى تېپىلغان ئۇيغۇر تىجارەتچى غوپۇر ئابدۇراھمانغا ئالدىنقى كۈنى خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن جىنازا نامىزى ئوقۇلۇپ مېيتنى ۋەتەندە دەپنە قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ ماڭغانلىقى، ئەمما كۈتۈلمىگەن يەردىن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۆز پۇقراسى بولغان مەرھۇم غۇپۇر ئابدۇراھماننىڭ جەسىتىنىمۇ قوبۇل قىلماي، قىرغىزىستان تورغات چېگرا ئېغىزىدا توسۇپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئىگەللىگەن ئۇچۇرلىرىمىزغا كۆرە، مەرھۇمنىڭ مېيىتىنى يۇرتىدا دەپنە قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ ماڭغانلار خىتاي چېگرا ساقچىلىرى بىلەن ئۇنىڭ بارلىق رەسمىيەتلىرىنىڭ تولۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ئۇزۇن تىركەشكەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي تەرەپ قەتئىي قوبۇل قىلمىغان.
نەتىجىدە مېيت چېگرا ئېغىزىدىن قايتۇرۇلۇپ كېلىنىپ قىرغىزىستاننىڭ ۋوستاپ دېگەن يېرىدە يەرلىكدە قويۇلدى.
بۇ پاجىئەلىك جىنايەتتىن كېيىن يۈز بەرگەن خىتاينىڭ يولسىزلىقى، يېنىدا خىتاي پاسپورتى ئېلىپ يۈرگەن بىر كىشىنى پەقەت ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆز ۋەتىنىنىڭ تۇپرىقىغا كۆمۈلۈشتىنمۇ مەھرۇم قىلغانلىقى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى، بولۇپمۇ قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى قاتتىق بىئارام قىلدى ۋە خىتايدىن يەنە بىر قېتىم نەپرەتلەندۈردى.

بۇ خەۋەر 687 قېتىم كۆرۈلدى
22/10/2019 14:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق