خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كۆزىنى بويىماقچى بولدى

 

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 20-مارت بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتلىرىنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشقا دەۋەت قىلماقچى بولغان. 
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ياۋروپا دىپلوماتلىرىنىڭ يېقىندا شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىپ، ئۇ يەردىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق دىپلوماتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى بۇ تەكلىپكە تېخىچە ئىپادە بىلدۈرمىگەن. مۇخبىرغا ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان بىر قانچە دىپلومات خىتاينىڭ بۇ زىيارەت تەكلىپى بىلەن ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ساختا مەيدانلارنى كۆرسىتىپ، يالغان تەشۋىقات قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ زور ئىكەنلىكىدىن ئەندىشە قىلغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ، خىتاي ئالدىن تەييارلاپ قويغان ساختا مەيدانلارنى زىيارەت قىلىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

بۇ خەۋەر 6563 قېتىم كۆرۈلدى
21/03/2019 18:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق