خىتاي ئىران بىلەن تۈزگەن زور سوممىلىق ھەمكارلىق كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقتى
ئىسرائىلىيە ۋاقتى تورىنىڭ خەۋرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىران نېفىت مىنىستىرى ئالدىنقى يەكشەنبە ئىپادە بىلدۈرۈپ، خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىنىڭ ئىران بىلەن تۈزگەن بەش مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ھەمكارلىق كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
مەزكۇر كېلىشىم ئىراننىڭ دېڭىز تەبىئىي گاز قۇدۇقلىرىنى ئېچىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئالاقىدار بولۇپ، خىتاي تەرەپ ھازىرغىچە كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقىش سەۋەبى ھەققىدە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن.
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جاۋاد زەرىف ئامېرىكىىڭ ئىرانغا قاراتقان جازالاش سىياسىتىنىڭ ئىرانغا نۇرغۇن مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ ئىرانغا مەبلەغ سېلىشىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ، نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىران تەبىئىي گاز زاپىسى جەھەتتىن دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇندا، نېفىت زاپىسى جەھەتتىن تۆتىنچى ئورۇندا بولسىمۇ، ئامېرىكىنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان ئىقتىسادىي جازالىرى ئىراننى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان.
بۇندىن بىر ئاي بۇرۇن خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي، ئىران بىلەن نېفىت ساھەسىدە 280 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى سودا ھەمكارلىقى ئورنىتىدىغانلىقى ئاشكارىلغان ئىدى.