خوڭكوڭدا جىم ئولتۇرۇش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

خوڭكوڭدا جىم ئولتۇرۇش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بىر پەيتتە، قارا كىيىم كىيىۋالغان ئوقۇغۇچىلار 18 ياشلىق بىر نامايىشچىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن يارىلاندۇرۇلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، جىم ئولتۇرۇش نامايىشى ئۆتكۈزدى ھەمدە ساقچىلارغا قارشى شوئارلارنى توۋلاپ، ۋەقەنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن خوڭكوڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا مەزكۇر ئوقۇغۇچىغا ئوق چىقارغان ساقچىنىڭ «ئۆلۈپ قالغانمىدۇ» دەپ ئەندىشە قىلىپ قورقۇپ كەتكەنلىكى، نامايىشچى ساقچىغا يېقىنلاشقانلىقى ئۈچۈن ساقچىنىڭ ئۇنىڭغا يېقىن ئارىلىقتىن ئوق چىقىرىشىنىڭ «قانۇنلۇق» ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئالاقىدار تارماقلار تۈنۈگۈن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ساقچىنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە 18 ياشلىق بىر نامايىشچىنىڭ مۈرىسى يارىلانغانلىقىنى، كېيىن ئۇنىڭ دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى. ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر يارىدارنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن.

بۇ خەۋەر 705 قېتىم كۆرۈلدى
04/10/2019 17:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق