تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشقا باشلىغانلىقى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشقا باشلىغانلىقى ئېلان قىلىندى
خەۋەر يەتتە تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان ئوتتۇرا ئانادولۇ ئىقتىسادىي مۇنبىرىدە سۆز قىلىپ، تۈركىيە مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت مىقدارىنىڭ 36 مىليارد دوللاردىن 170 مىليارد دوللارغا ئۆرلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «دۆلىتىمىز 2023-يىلىدا دۇنيادىكى ئىقتىسادىي ئەڭ تەرەققىي قىلغان ئون دۆلەتنىڭ بىرىگە ئايلىنىش يولىدا ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. ساياھەتچىلىكتىمۇ كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئېشىش بولدى. بۇ يىل (2019) 52 مىليون ساياھەتچى تۈركىيەگە كەلدى. بۇ رەقەم جۇمھۇرىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ رەقەم بولۇپ قالدى. تۈركىيە جانلىق ئىقتىسادىي بازار قۇرۇلمىسى ۋە دۇنيا تەرتىپىگە ماسلىشىش كۈچى بىلەن ئالدىمىزدىكى دەۋردە ئىقتىسادى ئەڭ گۈللەنگەن دۆلەتلەردىن بولۇپ قالىدۇ. سودا-سانائەتچىلەر بىلەن يېڭى بازار ئېچىش ۋە يېڭى مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىنى ئايلىنىپ چىقتىم. تۈرك ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە ھەمدە تۈركىيەگە كەلگەن مەبلەغ سالغۇچىلارغا تۈرلۈك ياردەملەرنى قىلدىم. ئىنشائاللاھ، ئىقتىسادىمىزنىڭ ئەسلىگە كېلىش مۇساپىسىنى 2019-يىلىدا ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئالدىمىزدىكى يىلدىن باشلاپ ئىقتىسادىي يۈكسىلىش ۋەزىيىتى باشلىنىدۇ. تۈركىيە شەرقىي ئاق دېڭىزدا ئۆزىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن كۈچلۈك مەيدانىنى نامايان قىلماقتا».

بۇ خەۋەر 745 قېتىم كۆرۈلدى
05/09/2019 14:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق