خوڭكوڭ ساقچىلىرى بىر كۈن ئىچىدە ۋەكىللىك شەخسلەردىن ئۈچ كىشىنى قولغا ئالدى

خوڭكوڭ ساقچىلىرى بىر كۈن ئىچىدە ۋەكىللىك شەخسلەردىن ئۈچ كىشىنى قولغا ئالدى
ب ب س خەۋەر تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خوڭكوڭ «كۈنلۈك ھەرىكىتى»نىڭ ۋەكىللىك شەخسلىرىدىن بىرى بولغان خۇاڭ جىفېڭ قاتارلىق پائالىيەت باشچىلىرىدىن ئۈچ كىشى خوڭكوڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.
خوڭكوڭدىكى دېموكراتچىلار تەشكىلاتى «ئاۋام ئىرادىسى» بۇ ھەقتە توختىلىپ، خۇاڭ جىفېڭنىڭ بۈگۈن ئەتىگەن يولدا كېتىۋاتقاندا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى، بۇ تەشكىلاتنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولغان جوۋ تىڭ ئىسىملىك قىزنىڭمۇ ئوخشاشلا بۈگۈن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۈچ ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان خوڭكوڭ نامايىشى خەلق ئاممىسى ئۆزلۈكىدىن قوزغالغان، يېتەكچىسىز نامايىش دەپ قارىلىپ كەلگەن. ئەمما ئالاقىدار شەخسلەر بۈگۈنكى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ سۇيىقەستى ئىكەنلىكىنى، مەقسىتىنىڭ بۇ ئۈچ مۇھىم شەخسنى خوڭكوڭ نامايىشىنىڭ پىلانلىغۇچىسى قىلىپ كۆرسەتمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئالدىنقى كۈنلەردە خۇاڭ جىفېڭ ۋە جوۋتىڭ قاتارلىق پائالىيەتچىلەر ئامېرىكىنىڭ خوڭكوڭ ئەلچىخانىسىدىكى خادىملىرى بىلەن كۆرۈشكەن. خىتاي بۇنى باھانە قىلىپ، خوڭكوڭ نامايىشىنى «ئامېرىكىنىڭ كۈشكۈرتىشى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن» دەپ كۆرسەتمەكچى بولغان.

بۇ خەۋەر 833 قېتىم كۆرۈلدى
30/08/2019 23:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق