سېرىكجان بىلاشئوغلى قازاقىستان ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى

 

سېرىكجان بىلاشئوغلى قازاقىستان ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى

ئاسىيا خەۋەرلىرى تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى سېرىكجان بىلاشئوغلى قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا ياخشىچاق بولغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى ھەققىدە ئىسپات توپلاپ، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلىپ كەلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ قول تىقىشى بىلەن «مىللىي ئۆچمەنلىك قوزغاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن. بۇندىن نەچچە كۈن بۇرۇن سوت ئېچىلغاندىن كېيىن سېرىكجاننىڭ يەتتە يىلغىچە تەشكىلاتچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلەنگەن.

سوت جەريانىدا سېرىكجان بىلاشئوغلىدىن جىنايەتنى بوينىغا ئېلىش تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئويلاپ، ئامالسىز جىنايەتنى ئېتىراپ قىلىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سېرىكجان بىلاشئوغلۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن بۇ كېلىشىمنامىنى چىقارغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «ئەگەر قازاقىستان ھۆكۈمىتى مېنى قويۇۋەتسە، ئۇلار يەنە خىتايغا خىزمەت قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئەگەر قويۇۋەتمىسە غەرب دۇنياسىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرايدۇ»

مەلۇم بولىىچشىچە، سېرىكجان بىلاشئوغلى قويۇب بېرىلىشتىن ئىلگىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندىكى يولسىزلىقلىرى ھەققىدە سۆزلىمەسلىك ، پائالىيەت قىلماسلىق ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويغان. ئۇ مەزكۇر ئىمزانىڭ بەدىلىگە ئەركىنلىككە ئېرىشكەن.

بۇ خەۋەر 781 قېتىم كۆرۈلدى
24/08/2019 15:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق