تۈركىيەدىكى تەشكىلاتلار ھەمكارلىقىنى كۈچەيتتى

تۈركىيەدىكى تەشكىلاتلار ھەمكارلىقىنى كۈچەيتتى

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا مەقسەتلىك پىتنە-ئىغۋا تارقىتىلىپ، ئىتتىپاقلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، تۈركىيەدىكى تەشكىلاتلار ئۆزئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتتى.
5-ئاۋغۇست يەكەن پېشۋالىرى، ئىلىم ئەھلى ۋە زىيالىلاردىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى.
زىيارەت داۋامىدا ھازىرقى رېئال مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. ھەيئەت يەنە ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنى قوللايدىغانلىقىنى، ھەر ۋاقىت يېنىدا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بىر ھەيئەت ئىستانبۇلنىڭ سېلىم پاشا رايونىدىكى ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىگ يۇرتىنى زىيارەت قىلدى.
ھەيئەت زىيارىتىدە ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىگ يۇرتىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن ئۇستاز ھەبىبۇللاھ كۈسەنى ۋە ئابدۇغېنى قۇتۇبى بىلەن كۆرۈشۈپ، كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى بولغان ئەۋلادلارنى قانداق ئۇسۇلدا تەربىيەلەش ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى ۋە مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى زىيارەت قىلدى.

بۇ خەۋەر 1271 قېتىم كۆرۈلدى
07/08/2019 09:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق