د ئۇ ق رەئىسى خىتاي بىلەن كەسكىن مۇنازىرىلەشتى


6-مارت جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا د ۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلار ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينى مات قىلغان.
خىتاي ۋەكىللىرى ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قارشى چىقىپ: «تېرورىست دولقۇن ئەيسا يالغان سۆزلەۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن خەلقئارالىق تۇتۇش بۇيرۇقى بار، ئۇنىڭ ب م ت غا كىرىشى خاتا بولغان، ب م ت يىغىنلىرىدا سۆزلىشى تېخىمۇ خاتا، ئۇنىڭ بۇنداق مۇنبەرلەردە سۆز قىلىش سالاھىيىتى يوق. شىنجاڭدا جازا لاگېرى يوق، تەربىيەلەش مەركىزى بار...» دەپ بىلجىرلاپ، دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ پىكىرلىرىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان.
يىغىندا دولقۇن ئەيسا بىلەن غەرب دۆلەتلىرى بىر تەرەپ، خىتاي بىر تەرەپ بولۇپ كەسكىن مۇنازىرىگە چۈشكەن. مۇنازىرىدە دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن غەرب ئەللىرى خىتاي ئۈستىدىن غالىپ كەلگەن. خىتاي ۋەكىللىرى ب م ت يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان يۈزلىگەن دۆلەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئالدىدا يەنە بىر قېتىم رەسۋا بولغان.

بۇ خەۋەر 1205 قېتىم كۆرۈلدى
07/03/2019 17:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق