خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسىدە ئېغىر سۇ ئاپىتى يۈز بەردى

خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسىدە ئېغىر سۇ ئاپىتى يۈز بەردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسىدە سۇ ئاپىتى يۈز بېرىپ، 19 كىشى ئۆلگەن، ئالتە كىشى يوقاپ كەتكەن.
خەۋەردە خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسىگە قاراشلىق تۇجيا مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خېفىڭ ناھىيەسىدە ياغقان شىددەتلىك يامغۇرنىڭ كۈتۈلمىگەن كەلكۈن ئاپتىگە ئايلىنىپ، نۇرغۇن كەنتلەرنى سۇ بېسىپ كەتكەنلىكى، نۇرغۇن كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى، ئىزدەپ قۇتقۇزۇش جەريانىدا 61 كىشى تېپىلىپ، 13 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، خۇبېي ئۆلكىسىگە قاراشلىق يۈنياڭ رايونىدىكى كەلكۈن ئاپتىدە ئالتە كىشى ئۆلۈپ، ئالتە كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاي جىددىي ھالەت باشقارمىسىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ يىل يازدا ياغقان شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن جەمئىي 19 مىليون 910 مىڭ كىشىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى ۋە بىر مىليون 300 مىڭ كىشىنىڭ بىخەتەر جايلارغا يۆتكەلگەنلىكى ئاشكارىلانغان.

بۇ خەۋەر 780 قېتىم كۆرۈلدى
06/08/2019 15:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق