ئامېرىكا ئەلچىسىگە مەكتۇب سۇنۇلدى

 

6-مارت ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىدىن بىر ھەيئەت ئامېرىكىنىڭ ئاۋسترالىيەنىڭ ئادالەي شەھىرىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مايكىل كىلېنې (Michael Kleine) بىلەن ناشتىدا بىرگە بولدى.
شەرقىي تۈركىستان ئاۋستىرالىيە جەمئىيىتى رەئىسى نۇرمۇھەممەد ئەپەندى باش ئەلچىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى بىر قۇر تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى ھەمدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان بىر پارچە مەكتۇبنى سۇندى. 
ئاخىرىدا ئامېرىكا ئەلچىسىدىن ئاۋسترالىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ پائالىيەتلىرىنى قوللاپ، ئاۋستىرالىيەدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 12524 قېتىم كۆرۈلدى
06/03/2019 18:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق