خوڭكوڭ مۇخبىرلىرى بىرلىشىپ نامايىش ئۆتكۈزدى

خوڭكوڭ مۇخبىرلىرى بىرلىشىپ نامايىش ئۆتكۈزدى

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خوڭكوڭنىڭ ئاخبارات ساھەسىدىكى خادىملار تۈنۈگۈن ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى نامايىش قىلغان.
يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن «تۇتقۇنلارنى خىتايغا قايتۇرۇش قانۇنى»غا قارشى نامايىش جەريانىدا ساقچىلار مۇخبىرلارغا زوراۋانلىق ئىشلەتكەن بولۇپ، ئۇلارنى تىللاپ ھاقارەتلىگەن، مەجبۇرىي قوغلىۋەتكەن، ھەتتا بىر قىسىم مۇخبىرلارنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان.
خوڭكوڭ مۇخبىرلار ئۇيۇشمىسى، خوڭكوڭ فوتوگرافچىلار بىرلەشمىسى قاتارلىق يەتتە تەشكىلاتتىن تەشكىللەنگەن نامايىشچىلار تۈنۈگۈن خوڭكوڭ كوچىلىرىدا يۈرۈش ئۆتكۈزۈپ، ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قوغداش ھەققىدە نامايىش قىلغان.
يەتتە تەشكىلاتتىن تەشكىللەنگەن ئاخباراتچىلار بۇندىن بىر كۈن بۇرۇن بايانات ئېلان قىلىپ، «تۇتقۇنلارنى خىتايغا قايتۇرۇش قانۇنى»نىڭ خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى، بۇندىن بۇرۇنقى نامايىش جەريانىدا ساقچىلارنىڭ مۇخبىرلارغا زوراۋانلىق كۈچى ئىشلەتكەنلىكىنى، مۇخبىرلارنىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىغانلىقىنى، لىنجېن يۆئېنىڭ سايلام ۋاقتىدىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئاخبارات ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە خوڭكوڭ دائىرىلىرى «تۇتقۇنلارنى خىتايغا قايتۇرۇش قانۇن لايىھەسى»نى ئەمەلدىن قالدۇرغان بولسىمۇ، ئەمما خىتايغا قارشى نامايىشلار ھازىرغىچە بېسىقمىغان.

بۇ خەۋەر 878 قېتىم كۆرۈلدى
15/07/2019 21:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق