ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش

ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ، ئىستانبۇل سايلىمىدىن كېيىن تۈركىيەدە بەزى تەرەپلەردىن سۈرىيەلىك ۋە باشقا چەتئەللىك مۇھاجىرلار ئۈستىدىن ھۆكۈمەتكە قارشى زورىيىۋاتقان قارشىلىق بېسىملىرى تۈپەيلى ئىچكى سىياسەتتە غولغۇلا ۋە زىددىيەتنىڭ ئاشقانلىقى ھەقىقەت.

بۇ توغرىدا بەزى يامان نىيەتلىك كىشىلەر «شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنى تۇتۇپ خىتايغا قايتۇرىدىكەن» دېگەندەك باشقىلارنى ساراسىمىگە سالىدىغان ئاساسىي يوق ئېغۋا چۆچەكلەرنى تارقىتىپ يۈرمەكتە.

 بىز بۇ مەسىلە توغرۇلۇق بۇگۈن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ياردەمچىسى ۋە گۆچ ئىدارىسى باش مۇدىرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ جەمئىيەتتە تارقىلىپ يۈرگەن پىتنە- ئېغۋالارنى  ئۇلارنىڭ سەمىگە سالدۇق.

ئۇلار: ئىچكى سىياسەتنىڭ نېمە بولىشىدىن قەتئىينەزەر شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلار توغرىسىدا ھېچقانداق سەلبىي قارار ۋە زىيانلىق ئىجرائات ئېلىپ بېرىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا بۇگۈن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋە باشقا دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاھىدە قارار ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

شۇڭا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خاتىرجەم بولۇشىنى، تارقىلىپ يۈرگەن پىتنە- ئېغۋالارغا قۇلاق سالماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز،

 ھۆرمەت بىلەن ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان. شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

بۇ خەۋەر 1441 قېتىم كۆرۈلدى
07/07/2019 13:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق